ياخشىمۇسىلار تورداشلا مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن، بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن دىتالىم بولسا كومپىيوتىر دىتالى مۇھىم گەپنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي بۇ دىگەن كومپىيوتىر دىتالى ھە دوسلار يانفۇنغا چىۈشۈرۈپ قاچلىيالمىدىم دەپ تۇرۋالماڭلا ھە
بۈگۈن توردىن مەزمۇن كۆرەۋېتىپ ناھايتى ياخشى دىتالدىن بىرنى تېپىۋالدىم ، بۇدىتالنى كۆرەۋتىپ تۇيۇقسىز ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالدىم ، مەكتەپكە قايتىش ۋە بېرىش ۋاقىتىدا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەممە ئوقۇغۇچىلار پويىز بىلىتى ئېلىش بىلەن ئالدىراش بزى ۋاقىتتا بىلەت يەتمەي پەقەت بىلەت ئالغىلى بولمايدۇ ، مەنمۇ بۇخىل ئەھۋالغا كۆ پ قېتىم ئۇچراپ باققان ئەمما بۈگۈن ئېلىپ كەلگەن دىتال ئارقىلىق بۇخىل باش قېتىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كېتەلىشىڭىز مومكىن ، ئۇنداقتا دىتالنى چۈشەندۈرۈشنى باشلىدىم ،
بۇ ھەقسىز 10 يىل بولغان بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتالى ،ئىسمى:Bypass ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل ھەقسىز، ئىنتايىن ياخشى بىر دىتال
Bypass بولسا 12306 تور بېكىتىگە قارىتىلغان بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ ،يۇمشاق دېتالنى Windows7 دىن يۇقىرى سىستېمىنى قوللايدۇ ،پۈتۈن مۇساپىدە ئاپتوماتىك بېلەت تالىشىدۇ قول سېلىپ ياكى ئۆچرات تۇرۇپ بىلەت تالىشىش ھاجەتىسىز ،يۇمشاق دېتالنى ھەقسىزقاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،يۇمشاق دېتال ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزنىڭ < 12306 > ھېسابات نومۇرى تىزىملىتىش كېرەك ،ھېسابات نومۇرى مەخپىي نومۇرى تىزىملىتىش بولىدۇ ،APP كودنى سكاننېرلاپ تىزىملىتىش بولىدۇ.
ئەپ ئىنتايىن بىخەتەر ئەپ ئاچقۇچى تەرەپ پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلىگەن ھەمدە دىتالدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەقانداق شەخسىي ئۇچۇرىنى ساقىلىمايدىغانلىقىغا ھەمدە ھەرخىل ۋىروس بولماسلىققا ۋەدە بەرگەن ھەمدە دىتالىنى ھەرقانداق بىر ئاچقۇچىنىڭ تېخنىكىلىق باھالىشىنى قۇبۇل قىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، شۇڭا تامامەن خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ ،

بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى دەسلەپتە قارىماققا بەك ئاۋارىچىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئانچە تەس ئەمەس.

ئاچقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يولغا چىقىدىغان جاي، نىشان جاي، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى، سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن «سۈرۈشتۈرۈش» نى چېكىمىز. شۇ كۈندىكى پويىز قېتىمى، بېلەت باھاسى، ئورۇن بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.

بېلەتنى تەكشۈرۈشنى چەككەندىن كېيىن ماس كېلىدىغان پويىز پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللايدۇ. بىز ئۆزىمىز ئولتۇرماقچى بولغان پويىزنى تاللىشىمىز كېرەك، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ، تاللىغان پويىز قېتىمىنى تاللىساق بولىدۇ.

ئالدىن زاكاز قىلىنغان پويىز قېتىمىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، كۆرۈنمە يۈزنىڭ ئاستىدىكى تاللانغان پويىز قېتىمى ئىچىدە تاللانغان پويىز قېتىمى پەيدا بولىدۇ. ئارقىدىنلا، بىز يەنە پويىزغا ئولتۇرغۇچىلار ۋە ئورۇن تۈرىنى تەسىس قىلىشىمىز كېرەك. كېيىن بېلەت تالىشىشنى باشلىساق بولىدۇ.

تاللانغان پويىز قېتىمىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەسكەرتىش تەڭشىگىلى بولىدۇ ،QQ ،ئۈندىدار ۋە پوچتا ساندۇقىنى قوللايدۇ. بېلەت تالىشىش مەزگىلىدە ئىزچىل كومپيۇتېردا ئېسىپ قويسا بولىدۇ، تاكى بېلەت تالاشقۇچە.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردىكى ئاپتوماتىك پۇل تۆلەش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدىن خاتىرجەم بولالمىغان كىچىك دوستلار ئاپتوماتىك پۇل تۆلىمەي، بېلەت ئالغاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزى قول بىلەن تۆمۈر يولنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ ياكى تۆمۈر يولنىڭ ئەپ دىتالدىن پۇل تۆلىسەڭلامۇ بولىدۇ ،
بېلەت زاكاز قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، سىز چوقۇم 10 مىنۇت ئىچىدە پۇل تۆلىشىڭىز كېرەك، بېلەت تالاشقان كىچىك دوستلارنىڭ ۋاقتىدا تور بېكىتىگە چىقىپ پۇل تۆلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۈگۈن يۇمشاق دېتالنى مۇشۇ يەرگىچە تونۇشتۇرىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيگە قايتىش سەپەرگە چىقىش يولىدا ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

发表回复